ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنى ئۆزلىرى  ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدە ئېنىقلىما بەردى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززە رايونىدا ئاق بايراق چىقارغانلىقىغا قارىماستىن، ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ ئۆز ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە قارىتائېنىقلىما بەردى.

2077449
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنى ئۆزلىرى  ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدە ئېنىقلىما بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىسرائىلىيە قىسىملىرى مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززە رايونىدا ئاق بايراق چىقارغانلىقىغا قارىماستىن، ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ ئۆز ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە قارىتا، «ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ قېچىش سىنارىيەسىگە تەييار ئەمەس ئىدۇق» دەپ ئېنىقلىما بەردى.  

ئىسرائىلىيە باش ئىشتاب باشلىقى ھېرزى ھالېۋى تېلېۋىزىيە نۇتقىدا، غەززەدە ئۈچ ئەسىرنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تەرەپكە ھەممىنىڭ  دىققىتىنى تارتىپ، «يۈز بەرگەن ئىشلارغا بىز جاۋابكار» دېدى.

ھېرزى ھالېۋى غەززە شەھىرىنىڭ ئەش شۇجائىيە مەھەللىسىدە كۈنلەردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان كەسكىن توقۇنۇش جەريانىدا، پەلەستىنلىك قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىلىرىنىڭ پۇقراچە كىيىم بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز ھەر قانداق تەھدىتكە قارشى تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. تۇيۇقسىز بىر قارار سېنىڭ ئۆلۈمىڭگە سەۋەب بولالايدۇ» دېدى.

ۋەقەگە قارىتا دەسلەپكى تەكشۈرۈشنى تاماملىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن ساۋاق ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن ھالېۋى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۇتقۇن قىلىنغان ئۈچ كىشى ئۇلارنى چۈشىنەلىشىمىز ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىپ باقتى. ئۈستىدە ھېچ نەرسە يوقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كۆڭلەكلىرىنىمۇ سېلىۋەتتى ۋە بىر پارچە ئاق رەختنى پۇلاڭلاتتى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، ئاق بايراق چىقارغانلارغا ئوق ئېتىلماسلىقى ھەققىدىكى  بۇيرۇققا ئەمەل قىلماي ئەسكەرلىرىمىز ئۇلارغا ئوق چىقاردى» دېدى.

ھېرزى ھالېۋى بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە غەززەدىكى ئۇرۇشنىڭ نەقەدەر مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تۈردە كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «بىز غەززەدىكى ئەسىرلىرىمىزنىڭ قېچىش سىنارىيەسىگە تەييار ئەمەس ئىدۇق» دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىن ئالاھىدە دوكلاتچىسى فىرانسىسكا ئالبانىسە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئەسىرلەرنى«تەھدىت (يەنى پەلەستىنلىك)» دەپ قارىدى. ئىسرائىلىيە قىسىملىرى پەلەستىنلىكلەرنى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، گەرچە ئۇلار زىيانسىز بولسىمۇ، ئاق بايراق چىقارسىمۇ، چوقۇم ئېتىپ تاشلىنىشى كېرەكلىك تەھدىت دەپ قارايدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن   15 – دېكابىردا ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا: «ئىسرائىلىيە قىسىملىرى شۇجائىيەدىكى توقۇنۇش جەريانىدا ئىسرائىلىيەلىك 3 ئەسىرنى تەھدىت دەپ خاتا تونىدى. نەتىجىدە ، ئەسكەرلەر ئۇلارغا قارىتىپ ئوق چىقاردى ۋە ئۇلار ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن ئېتىراپلارغا ئورۇن ئاجراتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر