ئامېرىكا ئەردوغان بىلەن بايدىننىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ئاق ساراي تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى  جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

2076918
ئامېرىكا ئەردوغان بىلەن بايدىننىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي تەرىپىدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە رايونىنىڭ ۋەزىيىتى، رايونغا يەتكۈزۈپ بېرىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىش ۋە غەززە رايوندىكى پۇقرالارنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقى، بايدىننىڭ ئىسرائىلىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى، بايدىننىڭ شىۋېتسىيەنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناتوغا ئەزا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى قەيت قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«پىرېزىدېنت بايدىن تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە تاشلاۋاتقان ئىجابىي قەدەملىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر