بالۇجىستاندىكى بىر ساقچىخانا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئىراننىڭ سىستان-بېلۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ راسك شەھىرىدىكى بىر ساقچىخانا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 11 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2076982
بالۇجىستاندىكى بىر ساقچىخانا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسىمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئىرنا، سىستان-بېلۇچىستان ۋالىيسى بۈگۈن كېچە يۈز بەرگەن قوراللىق ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى؛ باياناتتا: «راسكتىكى ساقچىخانىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 11 كىشى شېھىت بولدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ساقچىلار بىلەن قوراللىق ھۇجۇمچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا نۇرغۇن ھۇجۇمچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىران مەھەللىي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئىران تەرىپىدىن <تېررورلۇق تەشكىلاتى> دەپ ئېلان قىلىنغان، دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سىستان-بېلۇچىستان ئۆلكىسىدە «رايوندىكى سۈننىي بېلۇچ خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «جەيشۇلئەدل» (ئادالەت قوشۇنى) ناملىق تەشكىلات ئۈستىگە ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر