غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 18 مىڭ 412 گە يەتتى.

2075897
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى ھۆكۈمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ قورشاۋى ئاستىدىكى غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى داۋامىدا، ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار دىن تەشكىل تاپقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 18 مىڭ 412 گە، يارىلانغانلارنىڭ سانى بولسا 50 مىڭ 100 گە يەتكەن.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر