ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەربىي قىرغاقتا 26 ياشلىق بىر پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا تەۋە ئەلخەلىل شەھىرىدە 26 ياشلىق بىر پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

2074631
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەربىي قىرغاقتا 26 ياشلىق بىر پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <WAFA> نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئەلخەلىل شەھىرىنىڭ دورا رايونىدا 26 ياشلىق سارى يۈسۈپ ئابدۇلقادىر ئەمرنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرگەن.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئۆيىگە بېسىپ  كىرىش جەريانىدا  سارى يۈسۈپ ئابدۇلقادىر ئەمرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

دادىسى يۈسۈپ ئەمر ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوغلىنى ئۆينىڭ ئىچىدە ئاتقانلىقىنى ۋە ئېغىر يارىلىنىپ قان يېتيىشمەيۋاتقان ئوغلىغا ھېچكىمنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دادىسى يۈسۈپ ئەمر ئىنىسى سۇھەيب بىلەن سارى ئەمرنىڭ يارىدار ھالەتتە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بېسىپ كىرىش جەريانىدا ئۆينى ۋەيران قىلغانلىقىنى ۋە قايتىدىغان چېغىدىمۇ ئىككى ئاپتوموبىلىنىى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

دادا ئامر ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ يەنە ئۆيدىكى 400 مىڭ شېكېل (تەخمىنەن 108 مىڭ دوللار) نەق پۇل ۋە بانكا چەكلىرىنىمۇ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر