مېكسىكادا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 11 ئادەم ئۆلدى

مېكسىكادىكى بىر كەنت ئاھالىسى بىلەن بىر جىنايەت شايكىسى ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا، ئىككى تەرەپتىن 11 ئادەم قازا قىلدى.

2074562
مېكسىكادا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 11 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پايتەخت مېكسىكا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 130 كىلومېتىر كېلىدىغان تېكەستېرتلەن رايونىغا جايلاشقان بىر كەنت ئاھالىسى بىلەن  بىر جىنايەت شايكىسى ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا،  جىنايەت شايكىسىنىڭ 8 ئەزاسى، كەنت ئاھالىسىدىن 3 كىشى ئۆلگەن.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، توقۇنۇشتىن بۇرۇن جىنايەت شايكىسىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىسىدىن پۇل تەلەپ قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر