غەززەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى داۋامىدا جېنىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 7 مىڭ 112 بالا ۋە 4 مىڭ 885 ئايال بىلەن قوشۇلۇپ 17 مىڭ 177 گە يەتتى.

2074220
غەززەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن (7-دېكابىر) كەچتە غەززە رايونىنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلىرىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋامىدا نۇرغۇن پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى ۋە يارىلاندى.

 پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «ۋافا» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ئەششۇجائىييە مەھەللىسىنى بومباردىمان قىلغان، بومباردىمان داۋامىدا نۇرغۇن ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن رايونلاردا، بولۇپمۇ خان يۇنۇس، رەفاھ ۋە شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپىگە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

«‹ئەلئەقسا› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى داۋامىدا، غەززە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رىفئەت ئەلئارىرمۇ جېنىدىن ئايرىلغان.

غەززە ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن باشلاپ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى داۋامىدا جېنىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 7 مىڭ 112 بالا ۋە 4 مىڭ 885 ئايال بىلەن قوشۇلۇپ 17 مىڭ 177 گە يەتكەن.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە قۇددۇستىمۇ 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا 265 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر