ياپونىيە پ ك ك نى «تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى

ياپونىيە جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئاخبارات ئورگىنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى «تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى.

2073626
ياپونىيە پ ك ك نى «تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ياپونىيە جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئاخبارات ئورگىنى تەرىپىدىن «تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىدا، ياپونىيە جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ «خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» بار تور بېكىتىنىڭ بىرقانچە كۈن ئىلگىرى يېڭىلانغانلىقى، ئىلگىرى كىرگۈزۈلمىگەن بۇ تىزىملىككە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭمۇ قوشۇلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«ياپونىيە ھۆكۈمىتى پ ك ك نى 2002 – يىلدىن باشلاپ مال – مۈلۈكلىرى توڭلىتىپ قويۇلۇشقا تېگىشلىك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، پ ك ك نىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر