ئامېرىكانىڭ سابىق باش ئەلچىسى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن  ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى

ئامېرىكانىڭ بولىۋىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىلىرىنىڭ بىرى بولغان مانۇئېل روچا كۇبا ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مىئامىدا قولغا ئېلىندى.

2072200
ئامېرىكانىڭ سابىق باش ئەلچىسى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن  ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (Associated Press) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كۇباغا قارىتا «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش» تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دائىرىلەر ئامېرىكانىڭ بولىۋىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىدىن بىرى بولغان 73 ياشلىق روچانىڭ تەكشۈرۈش جەريانىدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

روچانىڭ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «كۇبانىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بىراق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر