ستولتېنبېرگ: شۇم خەۋەرلەرنى ئاڭلاشقىمۇ ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق قىلىش كېرەك

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدا شۇم خەۋەرلەرنىمۇ ئاڭلاشقا ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق قىلىش ۋە ئۇكرائىنانى قوللاش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

2072210
ستولتېنبېرگ: شۇم خەۋەرلەرنى ئاڭلاشقىمۇ ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق قىلىش كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ گېرمانىيەنىڭ ئا ر د (ARD) تېلېۋىزىيەسىنىڭ «ياۋروپا ماگازىن» ناملىق پىروگراممىسىدا، «ئۇكرائىنادا شۇم خەۋەرلەرنى ئاڭلاشقىمۇ ئىدىيەدە تەييارلىق قىلىش كېرەك. ئۇرۇش قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ئىلگىرىلەيدۇ، ئەمما ياخشى ۋە يامان كۈنلەردە ئۇكرائىنانى قوللىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ يەنە، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ بىر ھالسىزلاندۇرۇش ۋە ئارقا سەپ ئۇرۇشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئالدىنقى سەپتىكى ھەقىقىي ئەھۋال توغرىسىدا ھېچنىمە دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇرۇشنىڭ تەبىئىتى بويىچە ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ. بىز بىلىدىغان بىر ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇكرائىنانى قانچىلىك كۆپ قوللىساق، ئۇرۇش شۇنچىلىك تېز ئاخىرلىشىدۇ» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشىنىڭ ئۇكرائىنا ئۈچۈن تىراگېدىيە بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئوخشاش ۋاقىتتا غەرب ئۈچۈنمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «ئۇكرائىنانىڭ غەلىبە قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن پايدىلىق» دېدى.

ئۇ مۇزاكىرە قىلىش كېرەك بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىنىڭ، ياۋروپا مۇداپىئە سانائىتىنىڭ پارچىلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، سۆزلىرىنى تۆۋەندىكىدەك داۋاملاشتۇردى:

«بىز تېگىشلىك دەرىجىدە يېقىندىن ھەمكارلىشالمايۋاتىمىز، ھازىرچە ھېچكىمنى ئەيىبلەشنى خالىمايمەن. ئەمما، مېنىڭچە بۇنىڭ سانائەتنىڭ مەنپەئەتىگە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك. مەن بىزنى يەنىلا خەتەرلىك ئەھۋالدا قويغان مىللىي تار دائىرىلىك كۆز قاراشنى ئاساس قىلغان مەنپەئەت ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، يىراقنى كۆرۈشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئوق-دورىغا بولغان تەلەپنىڭ ئېشىشىنىڭ، باھانى ئۆرلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. بىز تېخىمۇ كۆپ تەمىنلەشكە موھتاجمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر