پاكىستاندا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى داۋامىدا سەككىز قوراللىق ئۇنسۇر ئۇجۇقتۇرۇلدى

پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختونخۋا ۋىلايىتىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا سەككىز قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىندى.

2069392
پاكىستاندا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى داۋامىدا سەككىز قوراللىق ئۇنسۇر ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى خەيبەر پاختونخۋا ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى ۋەزىرىستان رايونىدا ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.

ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا سەككىز قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىنغان، نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلار قولغا چۈشۈرۈلگەن.

ئەمما، پاكىستان ئارمىيەسى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ قايسى تەشكىلاتقا ئەزا ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن.

بۇ يىل (2023) پاكىستاندا، بولۇپمۇ خەيبەر پاختونخۋا ۋە بېلۇچىستان ئۆلكىلىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۆپىيىپ كەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسلامئاباد بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق پاكىستان تالىبانلىرى تەرىپىدىن پىلانلىنىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئافغانىستان بولسا، بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر