ماكرون شى جىنپىڭ بىلەن غەززە ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، ئىسرائىلىيە - پەلەستىن توقۇنۇشىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاساسلىق يولىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

2066831
ماكرون شى جىنپىڭ بىلەن غەززە ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى غەززە ۋەزىيىتى ۋە پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، شى بىلەن ماكرون، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىپ، تېخىمۇ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىس پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەخىرسىز ئىش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ: «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئىسرائىلىيە – پەلەستىن توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسلىق يولى» دېگەن.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتى بەزى ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ھەمدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپىدىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتاي زىيارىتىگە توغرا كەلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فەيسال بىن فەرھان، ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەيمەن ئەسسەفەدى، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۈكرى، ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېتنو مارسۇدى، پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەلمالىكى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈنۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ھەرقايسى تەرەپلەر خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، غەززەدىكى ئىنسانىي كىرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىيارەتلەرنىڭ بىرىنچى بېكىتى بېيجىڭدا ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر