رىياد مەنسۇر: ب د ت ئۇرۇش جىنايىتىگە قارشى تۇتامغا چىققۇدەك ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشى كېرەك

پەلەستىننىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى رىياد مەنسۇر ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى قىلمىشلىرىنىڭ ۋەھشىيلىك ۋە تېررورلۇق ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق يول بىلەن ئاقلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2066257
رىياد مەنسۇر: ب د ت ئۇرۇش جىنايىتىگە قارشى تۇتامغا چىققۇدەك ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAFA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رىياد مەنسۇر ب د ت باش كاتىپىغا، ب د ت خەپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ ئايلىق رەئىسى (خىتاي) گە ۋە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى باشلىقىغا يوللىغان مەكتۇبلىرىدا، غەززە رايونىدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

رىياد مەنسۇر مەكتۇبىدا: «ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا قىلغان ۋەھشىيلىكى ۋە تېررورلۇقى ئىنسانىيەتكە قىلىنغان ھاقارەت ۋە ھەر قانداق باھانە بىلەن ئاقلاشقا بولمايدۇ» دېدى.

رىياد مەنسۇر جەزملەشتۈرۈلمىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، غەززەدە 3250 ئايال ۋە 5000 كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي 12 مىڭ 200 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 29 مىڭ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

رىياد مەنسۇر يەنە، 4 مىڭ كىشىنىڭ خارابىلىك ئاستىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، غەربىي قىرغاقتىمۇ 200 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە تەخمىنەن 3 مىڭ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

رىياد مەنسۇر پۇقرالارغا غەززەنىڭ شىمالىنى بېكارلاپ، جەنۇبقا كېتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن ئىسرائىلىيەنىڭ، جەنۇبنىمۇ توختىماي بومباردىمان قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە دۇنيانىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىغا پېسەنت قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت ۋەكىلى رىياد مەنسۇر پەلەستىن پۇقرالىرىنى قوغداش ۋە مەجبۇرىي كۆچۈشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ھەمدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن تۇتامغا چىققۇدەك ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر