سەھىيە تەشكىلاتى غەززەلىك راك بىمارلىرىنىڭ تۈركىيەگە يۆتكەلگەنلىكىدىن مەمنۇنلۇقىنى بىلدۈردى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى راك بىمارلىرىنىڭ غەززەدىن تۈركىيەگە يۆتكەلگەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

2065901
سەھىيە تەشكىلاتى غەززەلىك راك بىمارلىرىنىڭ تۈركىيەگە يۆتكەلگەنلىكىدىن مەمنۇنلۇقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى مارگارېت خاررىس، داۋالاشقا موھتاج 27 غەززەلىك راك بىمارىنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز داۋالاشقا ئېھتىياجلىق راك بىمارلىرىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىدىن مەمنۇنمىز» دېدى.

خاررىس ئېغىر يارىدارلار ۋە بىمارلارنىڭ رەفاھ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق مىسىرغا ئۈزلۈكسىز، دائىملىق، توسالغۇسىز ۋە بىخەتەر يۆتكىلىپ داۋالىنىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ، ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىك شارائىتى يار بەرگەن دائىرىدە، بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا قولايلىق يارىتىش ئىرادىسى قەتئىي» دېدى.

غەززەدىكى 27 راك بىمارى ۋە ئۇلارنىڭ قارىغۇچىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ قامالى ۋە شىددەتلىك ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى غەززەدىن چىقىرىلىپ، قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى بىلەن مىسىرنىڭ ئەلئەرش ئايرودۇرۇمىغا ۋە ئۇ يەردىن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئايروپىلانلىرى بىلەن 16 – نويابىر پايتەخت ئەنقەرەگە ئېلىپ كېلىنىپ، بىلكەنت شەھەر دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىنغانىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دوختۇرخانىغا بېرىپ، داۋالىنىۋاتقان راك بىمارلىرىنى يوقلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر