قوراللىق ۋە نىقابلىق يەھۇدىي كۆچمەنلەر غەربىي قىرغاقتا ئىغۋاگەرچىلىك قىلماقتا

قوراللىق ۋە نىقابلىق يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ئەلخەلىل شەھىرىدە، بىر پەلەستىن يېزىسىغا قاراشلىق مەكتەپكە بېسىپ كىردى.

2063679
قوراللىق ۋە نىقابلىق يەھۇدىي كۆچمەنلەر غەربىي قىرغاقتا ئىغۋاگەرچىلىك قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ۋە قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان ۋەقەنىڭ كۆرۈنۈشلىرى، مەكتەپكە بېسىپ كىرگەن يەھۇدىي كۆچمەنلەرگە قارشىلىق كۆرسەتكەن بىر پەلەستىن پۇقراسى تەرىپىدىن سىنغا ئېلىندى.

رەسىملەر ۋە كۆرۈنۈشلەرنى ھەمبەھرلىگەن ئىسرائىلىيە ھەق - ھوقۇق تەشكىلاتى يېش دىن يۈزىگە ماسكا تاقاپ، قولىدا ئامېرىكادا ياسالغان M16 تىپلىق ئاپتوماتلارنى كۆتۈرۈشۈۋالغان ھەمدە ھەربىي فورما كىيىۋالغان ئىككى يەھۇدىي كۆچمەننىڭ ئالخەلىلگە قاراشلىق مېسافىر ياتتا رايونىدىكى تۇۋانى مەكتىپىگە بېسىپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كۆرۈنۈشلەردە، مەكتەپتىكى قورالسىز پەلەستىنلىكنىڭ پەلەستىن بايرىقىنى بىنادىن ئېتىپ تاشلىماقچى بولغان يەھۇدىي كۆچمەنلەرگە باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ۋە ئۇلارنى مەكتەپتىن قوغلاپ چىقارغانلىقى كۆرىنىدۇ. قوراللىق يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى كەلگەندىن كېيىن مەكتەپتىن ئايرىلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيەلىك ئىشغالچىلارنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ئىغۋاگەرچىلىكىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، بۇ ئىغۋاگەرچىلىككە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە ئوڭچىل دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئىتامار بېن-گۋىرنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىغۋاگەرچىلىكنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىق قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر