مېكسىكادا قىيىن-قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن يەتتە كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

مېكسىكانىڭ زاكېتېكاس شەھىرىدە قىيىن-قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن يەتتە كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

2063636
مېكسىكادا قىيىن-قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن يەتتە كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، زاكېتېكاس ۋىلايىتىگە قاراشلىق لورېتو يېزىسىدىكى بىر يولدا جەسەتلەر بايقالغان.

يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچى خادىملىرى يولدىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ، يەتتە ئەر كىشىنىڭ جەسەتلىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى.

مەسئۇل دائىرىلەر، جەسەتلەردە زەربە ئىزلىرىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قىيىن-قىستاق نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جەسەتلەرنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئەدلىيە دوختۇرخانىسىغا ئەۋەتىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.  

ۋەقەنىڭ رەقىپ قارا گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر