جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا «ئالاھىدە چېكىندۈرگۈچ ئىستراتېگىيەسى» ھۆججىتىنى ئىمزالاشتى

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە قارىتا چېكىندۈرگۈچ ئىستراتېگىيەسىنى يېڭىلاپ، «ئالاھىدە چېكىندۈرگۈچ ئىستراتېگىيەسى» ناملىق ھۆججەتكە ئىمزا قويدى.

2063687
جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا «ئالاھىدە چېكىندۈرگۈچ ئىستراتېگىيەسى» ھۆججىتىنى ئىمزالاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن ۋە جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شىن ۋون سىك «55-نۆۋەتلىك بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىلەر يىغىنى» دائىرىسىدە، جەنۇبىي كورېيەننىڭ پايتەختى سېئۇلدا كۆرۈشتى.

ئىككى مىنىستىر 2013-يىلى ئىمزالانغان شىمالىي كورېيەگە قارىتا چېكىندۈرگۈچ ئىستراتېگىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ۋە يېڭىلاپ، «ئالاھىدە چېكىندۈرگۈچ ئىستراتېگىيەسى» ناملىق يېڭى ھۆججەتنى ئىمزالاشتى.

لويىد ئوستىن ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە، «ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي كورېيەگە بەرگەن چېكىندۈرگۈچ ئىستراتېگىيەسى ۋەدىسى تەۋرەنمەي داۋاملاشماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر