يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ئىسرائىلىيەنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىغا دۇچار بولۇۋاتقان غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، «توقۇنۇشلارنى ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلىپ توختىتىپ تۇرۇش»نى تەلەپ قىلدى.

2062203
يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 2023 - يىللىق نۆۋەتچى رەئىسى ياپونىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى پايتەخت توكيودا ئاخىرلاشتى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كامىكاۋا يوكو رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتناشتى.

كامىكاۋا يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىغا دۇچار بولۇۋاتقان غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، «توقۇنۇشلارنى ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلىپ توختىتىپ تۇرۇش»نى تەلەپ قىلىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى غەززەدە باش كۆتۈرگەن ئىنسانىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جىددىي ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك»لىكىنى بىردەك تەكىتلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

كامىكاۋا يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ (پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى) ھاماس نىڭ 7 – ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «توقۇنۇشتا خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئەمەل قىلىش»نىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» 7 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان؛ ئارقىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ، غەززەدە «تۆمۈر قىلىچلار» ھەرىكىتى قوزغىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلار جەريانىدا ھازىرغىچە ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر