گېرمانىيەدە ئىسرائىلىيەگە قارشى فەيسبۇكتا بارماق ئىشارىتى ياكى تەنقىد قىلىشمۇ جىنايەت ھېسابلاندى

گېرمانىيەنىڭ نۇربېرگ شەھرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر كىشى فەيسبۇكتا تېل ئاۋىۋدا يۈز بەرگەن ئۆتكەن يىل (20222) دىكى  ھۇجۇمغا بارماق ئىشارىتى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈنلا 60 كۈنلۈك جەرىمانە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

2062568
گېرمانىيەدە ئىسرائىلىيەگە قارشى فەيسبۇكتا بارماق ئىشارىتى ياكى تەنقىد قىلىشمۇ جىنايەت ھېسابلاندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ميۇنخېن باش تەپتىش مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، باۋارىيە يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈلگەن كۈندە 34 ياشلىق ئەسلى ئىراقلىق گېرمانىيە پۇقراسىنىڭ قارارغا بىلدۈرگەن نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن نۇربېرگ-فۇرت رايونلۇق سوتنىڭ قارارى كۈچكە ئىگە بولۇۋەرگەن بولدى.

تېل ئاۋىۋدا 2022-يىلى 7- ئاپرېلدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا، كەم دېگەندە ئىككى كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە 10 كىشى يارىلانغان ئىدى.

جازا بېرىلگەن نۇربېرگدە تۇرۇشلۇق گېرمانىيە پۇقراسى «جۇدىشې ئالگېمېين گېزىتى» نىڭ فەيسبۇك سەھىپىسىگە: «ئادالەتسىزلىك ئادالەتكە ئايلانغان يەردە، قارشىلىق كۆرسىتىش مەجبۇرىيەتكە ئايلىنىدۇ» دەپ ئىنكاس يازغان ئىدى.

تەپتىشلەر بۇنى ھۇجۇمنى قوللىغانلىق دەپ چۈشەندۈرگەن ۋە بولۇپمۇ بۇ ئىنكاسنىڭ ئىسرائىلىيە دۆلىتىگە قارىتا بىر تەنقىدلا ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ميۇنخېن باش تەپتىش مەھكىمىسىمۇ بۇ قارارنى ئىنتېرنېتتىكى قۇتراتقۇچىلارغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر