پاكىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

پاكىستاندا پارتلاش يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە بەش ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2059972
پاكىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە بەش ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

پاكىستان ساقچى ئىدارىسى ئەمەلدارى مۇھەممەد ئەدنان، پارتلاشنىڭ دەرا ئىسمائىل خان شەھىرىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچى ئاپتوموبىلى ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خادىمى ئائىزاز مەھمۇد، پارتلاشتا بەش ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 21 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر