پېسكوۋ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل باياناتچىسى دىمىرىي پېسكوۋ، تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى ئەسىردە تەرەققىي قىلىپ، ئىلغار ۋە تەسىرى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل باياناتچىسى دىمىرىي پېسكوۋ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.
29 – ئۆكتەبىر تۈركىيەدە دۆلەت بايرىمى (جۇمھۇرىيەت بايرىمى) نىڭ تەبرىكلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن پېسكوۋ، «مەن شېرىكلىرىمىزنىڭ بۇ مۇھىم خاتىرە كۈنىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن» دېدى.
رۇسلارنىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى قاراشلىرى ھەققىدە توختالغان باياناتچى دىمىترىي پېسكوۋ، «رۇسىيە تۈركىيەنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن سۆيۈنىدۇ. تۈركىيە تارىخىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇتۇقلىرىنى قوغداپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەنلا قالماي، ئۆتكەن ئەسىردە تەرەققىي قىلىپ، ئىلغار ۋە تەسىرى كۈچلۈك بىر دۆلەتكە ئايلاندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
موسكۋانىڭ رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىي قىلغان، ئىشەنچنى ئاساس قىلغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن پېسكوۋ، بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.