ئىسرائىلىيەنىڭ دەمەشىق ۋە ھەلەب خەلقئارا ئايرودۇرۇملىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى جەزىملەشتى

بەششارئەسەد ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەخت دەمەشىق ۋە ھەلەب ئۆلكىسىدىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇملارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2054318
ئىسرائىلىيەنىڭ دەمەشىق ۋە ھەلەب خەلقئارا ئايرودۇرۇملىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى جەزىملەشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ سانا  (SANA)  خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ھەربىي مەنبەلەرنى ئاساساس قىلغان خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 05:25 ئۆتكەندە لازقىيەنىڭ غەربىدىن، ئاقدېڭىز ئارقىلىق گولان ئېگىزلىكى تەرىپىدىن دەمەشىق ۋە ھەلەبتىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇملارغا راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، دەمەشىق ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى تەكىتلىنىپ، «بۇ ھۇجۇم ھەر ئىككى ئايرودۇرۇمنىڭ ئۇچۇش يولىغا زىيال سالدى، ئۇچۇش يولىنىڭ خىزمەتتىن توختىتىلىشىغا سەۋەب بولدى» دېيىلدى.

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززدىن ئەلقاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) ئەتىگەندە ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 12-ۋە 15-ئۆكتەبىردىمۇ دەمەشىق ۋە ھەلەبتىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇملارغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان 2011-يىلىدىن بۇيان سۈرىيەدىكى ئىران قوللاۋاتقان گۇرۇپپىلارغا ۋە سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ھەربىي نۇقتىلارغا پات-پات ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر