بايدىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش قانۇنىغا رىئايە قىلغان - قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرمىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش قانۇنى بويىچە ئىش قىلغان- قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرمىدى.

2053173
بايدىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش قانۇنىغا رىئايە قىلغان - قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە زىيارىتىدىن قايتىش يولىدا كەلگەن ئايروپىلاندىكى مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن: «سىزنىڭچە ئىسرائىلىيە ئۇرۇش قانۇنىغا ئاساسەن ئىش قىلىۋاتامدۇ؟» دېگەن سوئالنى جاۋابسىز قالدۇردى.

ئۇ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا: «سىز بىلەن سۆھبەتلىشىش ياخشى بولدى» دەپ، مۇخبىرلار بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.

جو بايدىن سۆھبەتكە خاتىمە بېرىشتىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان <ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەگەر ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيەگە ئۇرۇش قوزغىغان تەقدىردە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ جەڭدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلغانلىقى> ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى خەۋەر قىلدى.

ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقۇسى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا بولسا، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ قايسى يوللارنى تاللىسا، قانداق بولىدىغانلىقى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىش بىلەنلا كۇپايىلەندى.

بايدىن يەنە غەززەدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىسرائىلىيەدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى بىلەن تېلېفونلاشقان بايدىن، سىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەخمىنەن 20 يۈك ماشىنىسىنىڭ غەززەگە بېرىشى ئۈچۈن، چېگرا ئېچىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» 7 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ مىڭلارچە راكېتامىيوت ئاتقان ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇش جەريانىدا، ھەر ئىككى تەرەپتىن يۈزلەرچە كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر