ئىران: ئۇرۇش باشقا فىرونتلارغا كېڭىيىش باسقۇچىغا يېقىنلاپ قالدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ باشقا فىرونتلارغا كېڭىيىش باسقۇچىغا يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2051753
ئىران: ئۇرۇش باشقا فىرونتلارغا كېڭىيىش باسقۇچىغا يېقىنلاپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىش پۇرسىتىنىڭ تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇرۇشنىڭ باشقا فىرونتلارغا كېڭىيىش باسقۇچىغا يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى <X>  تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، ئۆزىنىڭ تۇنىس، مالايشىيا ۋە پاكىستانلىق كەسىپداشلىرى بىلەن تېلېفونلىشىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇچۇرىدا: «تۇنىس، مالايشىيا ۋە پاكىستانلىق كەسىپداشلىرىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىمدە، زىئونىستلارنىڭ غەززەدە سادىر قىلىۋاتقان قاتىللىق ۋە ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ دەرھال توختىتىلىپ، رايونغا تېز سۈرئەتتە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتىلىشى مەسىلىسى تەكىتلەندى.

مەن مەسىلىگە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ۋاقتىنىڭ تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇرۇشنىڭ مۇقەررەر ھالدا باشقا فىرونتلارغا كېڭىيىش باسقۇچىغا يېقىنلاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» 7 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ مىڭلارچە راكېتامىيوت ئاتقان ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇش جەريانىدا، ھەر ئىككى تەرەپتىن يۈزلەرچە كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر