شويگۇ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش توغرىسىدا پۇتىنغا دوكلات سۇندى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ توقۇنۇش لىنىيەسى بويىچە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى چوڭقۇر ۋە باسقۇچمۇ باسقۇچ مۇداپىئە لىنىيەسى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2051839
شويگۇ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش توغرىسىدا پۇتىنغا دوكلات سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ پىرېزىدېنت ۋلادىمر پۇتىنغا ئارمىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەرىكەتلىرى ھەققىدە دوكلات بېرىپ: «ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ۋەزىيەت مۇقىم ۋە بىخەتەر كۆرۈنۈۋاتىدۇ. ئەسكەرلەر كەسپىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېدى.

شويگۇ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشلەردە ھۇجۇملارنى قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇلار ھەر يۆنىلىشتە دېگۈدەك بىزنىڭ ئاكتىپ مۇداپىئەمىزگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز نۇرغۇن رايونلاردىكى تاكتىكىلىق ئورنىمىزنى ياخشىلىيالىدۇق، ھېچبىر يەردە ئۇلار (ئۇكرائىنا ئارمىيەسى) نىڭ ئەمەلىي ئىلگىرىلىشىگە يول قويۇلمايۋاتىدۇ. ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئەتىيازلىق ھۇجۇمى، يازلىق ھۇجۇمى ۋە ھازىر بولسا، <كۈزلۈك ھۇجۇملىرى>غا خاتىمە بېرىلدى. ئۇلار بۇ ھۇجۇملارنىڭ ھېچقايسىسىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ پۈتكۈل توقۇنۇش فىرونتلاردا مۇئەييەن يۆنىلىشلەر بويىچە ئىنتايىن چوڭقۇر، قەدەممۇ قەدەم مۇداپىئە لىنىيەلىرىنىڭ شەكىللەندۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇنى <ئاكتىپ مۇداپىئە> دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى دۈشمەن 4- ئىيۇن يازلىق ھەرىكەت باشلىغاندىن كېيىن، ئادەم كۈچى ۋە ئۈسكۈنىلەردە زور، كۆرۈنەرلىك ۋە ئېغىر زىيانلارنى تارتتى. يۈزلىگەن تانكا ۋە 1500 بىرونېۋىكىدىن ئايرىلىپ قالدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر