ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززەگە قىلغان كېچىدىكى ھۇجۇمىدا  24 كىشى قازا قىلدى

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى كېچىدە (8-ئۆكتەبىر) غەززە رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى، ھۇجۇمىدا 24 كىشى قازا قىلدى.

2048022
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززەگە قىلغان كېچىدىكى ھۇجۇمىدا  24 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: غەززەدىكى دوختۇرخانا ۋە بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، غەززەنىڭ مىسىر چېگراسىغا يېقىن رەفاھ شەھىرىدىكى ئەبۇ ھىلال جەمەتىنىڭ ئۆيىگە ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، ئائىلىدىن 18 كىشى قازا قىلغان، بەزى يارىلانغانلارمۇ بولغان.

شەھەرنىڭ بەيت لاخيە رايونىدىكى بەزى ئائىلە قورولىرى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنغان، نەتىجىدە  بىر كىشى قازا قىلىپ، 20 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

خان يۇنۇس شەھىرىدىكى ئەبۇل ئەمرەيىن ئائىلىسىگە تەۋە ئۆيمۇ ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىدىن ئېتىلغان راكېتانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يەنە غەززەنىڭ شەرقىدىكى شۇجائىييە رايونىدا، ھاماس ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋە سىياسىي بېيرو ئەزاسى راھۋى مۇشتەھانىڭ ئۆيىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.

كەچتە كۈچلۈك ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغان، بومباردىمان شەھەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا توختىماي داۋاملاشقان.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەگە ھاۋا ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرماقتا. غەززەدىكى قارشىلىق گۇرۇپپىلىرىمۇ راكېتا بىلەن جاۋاب قايتۇرماقتا.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغاندىن باشقا يەنە، غەربىي قىرغاقتىكى ھۇجۇملىرىنىمۇ كۈچەيتتى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ شەنبە كۈنى (7- ئۆكتەبىر) دىن بۇيان قۇددۇسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا غەربىي قىرغاقتىكى شەھەر ۋە ناھىيەلەرنى، ئەل خەلىل راماللاھ، ئەرىھا، نابلۇس ۋە قالقىلىيەدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا جەمئىي 14 پەلەستىنلىكنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر