ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھۈسەيىن فىدان بىلەن كۆرۈشىدۇ

ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىن تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشىدۇ.

2047040
ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھۈسەيىن فىدان بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىننى تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشۈپ، چېگرا بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپلىك خەۋپسىزلىك كومىتېتى قۇرۇپ چىقىشقا تەيىنلىدى.  

ئىراق باش مىنىستىرىنىڭ ھەربىي ئىشلار باياناتچىسى گېنېرال يەھيا رەسۇلنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىغا قارىغاندا، ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانى دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا، تېررورىزم ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

تېھران بىلەن باغداد ئوتتۇرىسىدىكى ئىران ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۆكتىچىلەرنى قورالسىزلاندۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەۋپسىزلىك كېلىشىمى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان يىغىندا، بۇ كېلىشىمنىڭ ئىككى دۆلەت تەرىپىدىن يولغا قويۇلۇشقا باشلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىننى تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشۈپ، چېگرا بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپلىك خەۋپسىزلىك كومىتېتى قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر