مېشىل: ئەلىېيۋ بىلەن ئابباس بىريۇسسېلدا كۆرۈشىدۇ

ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە رەھبەرلىرىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا كۆرۈشىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

2047381
مېشىل: ئەلىېيۋ بىلەن ئابباس بىريۇسسېلدا كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل ئىسپانىيەنىڭ گرانادا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرەسمىي باشلىقلار يىغىنى زالىغا كىرىش ئېغىزىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننى بىريۇسسېلغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رەھبەرلەرنىڭ تەكلىپكە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالغان مىشېل، ئاي ئاخىرىدا بىريۇسسېلدا ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈنۈگۈن چاقىرىلغان ياۋروپا سىياسىي جەمئىيىتى يىغىنى جەريانىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى، ئەرمېنىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە رەھبەرلىرى گرانادادا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەزىيەتنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەنىدى.

ئەلىيېۋ قاتناشمىغان يىغىندا رەھبەرلەر، چېگرانى ئايرىش خىزمىتىنى جىددىي ئىشلەش، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئۆزئارا قايتۇرۇلۇشى، تەقدىرى ئېنىقسىز كىشىلەرنى ئىزدەش ۋە مىنا تازىلاش خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر