رۇسىيە قاراباغدىكى تۇرمۇشنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەزەربەيجان بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، موسكۋانىڭ قاراباغنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئەزەربەيجان بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2045430
رۇسىيە قاراباغدىكى تۇرمۇشنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەزەربەيجان بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ سوچىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇنازىرە كۇلۇبى — ۋالداينىڭ يىللىق يىغىنى دائىرىسىدە، مۇخبىرلارنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ قاراباغدا خىزمەتلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ: «بىز قاراباغ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشەنچنى كۈچەيتىش، ئەزەربەيجانلىقلار بىلەن ئەرمەنلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن، نورمال تۇرمۇشقا شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن، ئەزەربەيجانلىق خىزمەتداشلىرىمىز ۋە قوشنىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. مەن ئەرىۋاننىڭمۇ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر