ب د ت ھەيئىتى: قاراباغدىكى ئەرمەنلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا دائىر پاكىتلارنى بايقىمىدۇق

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، قاراباغقا بارغان ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەرمەن ئاھالىلىرىگە زوراۋانلىق قىلىنغانلىقىغا دائىر ئىسپاتلارنى ئۇچراتمىغانلىقى ۋە رايوندىكى مەمۇرىي ئۇل- ئەسلىھەلەرنىڭ زەربە ئوبيېكتى قىلىنمىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2045318
ب د ت ھەيئىتى: قاراباغدىكى ئەرمەنلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا دائىر پاكىتلارنى بايقىمىدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باياناتچىسى ىستېفان دۇجاررىك ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ھەپتە ئاخىرىدا قاراباغقا يېتىپ بېرىپ، ئەمەلىي ۋەزىيەتنى كۆزدىن كەچۈرگەن ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رايوندىكى ئىنسانىي ئېھتىياجلارنى ئېنىقلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن دۇجاررىك، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ب د ت بالىلار فوندى، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى ۋە ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى خادىملىرىدىن تەركىب تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇجاررىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ لاچىن چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە خانكەندى شەھىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزلىرىنىڭ ئەرمەن پۇقرالىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ئىسپاتىنى تاپالمىغانلىقى ۋە رايوندىكى پۇقرالار ئۇل- ئەسلىھەلىرىنىڭ زەربە ئوبيېكتى قىلىنمىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى دوكلات قىلدى» دېدى.

دوختۇرخانىلار، مەكتەپلەر، ئۆي - ماكانلار، دىنىي ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنمىغانلىقىنى، ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن دۇجاررىك، دېھقانچىلىق رايونلىرى ۋە ھايۋانلارنىڭمۇ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقى بايقالدى، دېدى.

ئۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رايوندىكى ئەرمەن ئاھالىسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

دۇجاررىك رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر