ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ «ئارىلىشىش كۈچلىرى»نى ئاشۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتى

ياپونىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئىككى دۆلەت ئىتتىپاقىنىڭ توسۇش، يالتايتىش ۋە ئارىلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كېلىشتى.

2044320
ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ «ئارىلىشىش كۈچلىرى»نى ئاشۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىخارا مىنورۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن بىلەن تۇنجى قېتىم تېلېفونلاشتى.

كىخارا تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، ئامېرىكالىق كەسىپدىشى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كىخارا بىلەن ئوستىننىڭ ياپونىيە - ئامېرىكا ئىتتىپاقىنىڭ توسۇش ۋە ئارىلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

مىنىستىرلار ھىندى - تىنچ ئوكياننىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى كۈچ ئىشلىتىپ ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى قارار قىلغان.

سۆھبەت جەريانىدا، ئوستىن كىخارانىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى تەبرىكلىگەن ۋە ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ «ياپونىيەنى قوغداش ۋەدىسى»دە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر