ب د ت قاراباغقا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشنى قارار قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەرمەنى ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغان قاراباغقا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2044364
ب د ت قاراباغقا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى ۋەكىللىرىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا رايونغا بېرىپ، نەق مەيداندىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇجاررىك زىيارەتنىڭ ئاساسلىق مۇددىئاسىنىڭ رايوندىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن دۇجاررىك، ب د ت نىڭ 30 يىلدىن بۇيان (ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتى مەزگىلىدە) بۇ رايونغا كىرەلمىگەنلىكىنى، شۇڭا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

«ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق قوللىشى ۋە تەكلىپى بىلەن قاراباغقا بارىدىغانلىقى»غا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن دۇجاررىك، بۇ رايونغا نېمە ئۈچۈن كىرەلمىگەنلىكلىرى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا «ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە سەزگۈر جۇغراپىيەلىك سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر