بۇركىنا فاسودىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى

بۇركىنا فاسو ھەربىي ھاكىمىيىتى 26- سېنتەبىر بىر قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى باستۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2043253
بۇركىنا فاسودىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي ھاكىمىيەت سىياسىي ئۆزگىرىش بولغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشى بىلەن نۇرغۇن نامايىشچىنىڭ كوچىلارغا چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇركىنا فاسو ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ بىر قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان نۇرغۇن كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ دۆلەتنى مالىمانچىلىققا سۆرەپ كىرمەكچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

9- ئاينىڭ 26- كۈنى سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا مىش- مىش پاراڭلار تارقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر پايتەخت ۋاگادۇگۇدا كوچىلارغا چىقىپ، دۆلەت رەھبىرى ئىبراھىم ترورېنى قوللاپ شوئارلارنى توۋلىغانىدى.

تەخمىنەن 20 مىليون نوپۇسقا ئىگە بۇركىنا فاسو مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن 1960- يىلىدىن بۇيان 10 قېتىمغا يېقىن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى.

تېررورلۇق ۋەقەلىرى كۆپىيىپ قالغاندىن كېيىن، 2022- يىلى يانۋاردا لېيتېنانت پولكوۋنىك پائۇل- ھېنرى سانداگو دامىبا تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان ھاكىمىيەتنى 2022- يىلى 9- ئايدا كاپىتان ئىبراھىم ترورې ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ئاغدۇرۇۋەتكەنىدى.

ترورې سىياسىي ئۆزگىرىشتىن بىر ئاي كېيىن قەسەم بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئۆتكۈنچى پىرېزىدېنتى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر