ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەدىكى كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتىغا تەۋە ئىككى كۆزىتىش نۇقتىسىنى بومباردىمان قىلدى.

2042713
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەدىكى كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنغان كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ غەززە رايونىنىڭ قارنى ۋە رەفاھ رايونلىرىغا جايلاشقان ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززەددىن ئەلقاسىم بىرىگادىلىرىغا تەۋە ئىكەنلىكى بايان قىلىندى.

باياناتتا، بومباردىمان نەتىجىسىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ- كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر