ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە «شىمالىي كورېيە - رۇسىيە ھەمكارلىقى»غا قارشى تۇرۇشقا كېلىشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، جەنۇبىي كورېيە ۋە ۋە ياپونىيە رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ ئىمزالانغۇسى قورال - ياراغ كېلىشىمىگە قارشى قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلدى.

2041303
ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە «شىمالىي كورېيە - رۇسىيە ھەمكارلىقى»غا قارشى تۇرۇشقا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مىنىستىر پارك جىننىڭ تۈنۈگۈن نيۇيوركتا ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كامىكاۋا يوكو ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلار كۆرۈشۈشتە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ موسكۋا بىلەن پىيوڭياڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قورال – ياراغ كېلىشىمى ئىمزالىنىش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە رۇسىيەنى زىيارەت قىلىپ، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن مىنىستىرلار، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگۈسى بىر قورال - ياراغ كېلىشىمىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

مىنىستىرلار موسكۋا بىلەن پىيوڭياڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۈزۈلگۈسى قورال- ياراغ كېلىشىمىگە قارشى قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئۈچ مىنىستىرنىڭ دۇنيا جامائىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ب د ت نىڭ قارارىغا خىلاپلىق قىلىپ، رايون بىخەتەرلىكىگە يەتكۈزۈلىدىغان ھەر قانداق خەۋپكە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقلىرىنى ۋەدە قىلدى.

كىم جوڭئۇن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن 13- سېنتەبىر رۇسىيەنىڭ ئامۇر رايونىدىكى ۋوستونچنىي كوسمودرومىدا كۆرۈشكەن، كىم جوڭئۇن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە «ئۈنۈملۈك» دەپ باھا بەرگەن پۇتىن،  ئۆزلىرىنىڭ رايون ۋەزىيىتى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر