بايدىن: ئامېرىكا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن دۆلىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا ئەستايىدىل مەسلىھەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ يۆنىلىشتە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2039590
بايدىن: ئامېرىكا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن نيۇيوركتا داۋاملىشىۋاتقان 78 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا <ئىككى خەلق ئۈچۈن ئىككى دۆلەت> قۇرۇش نىشانىنى بويلاپ، ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە توختىلىپ: «رۇسىيەنىڭ قوشنىسى ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمى دەرھال ئاخىرلىشىشى كېرەك. ئامېرىكا ئۇكرائىنا خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تىنچلىققا توسالغۇ بولۇۋاتقىنى يالغۇزلا رۇسىيە. ئەگەر بىز ئۇكرائىنانىڭ پارچىلىنىشىغا رازى بولساق، بىز ئۆزىمىزنى قانداقمۇ بىخەتەر ھېس قىلالايمىز؟ ئامېرىكا باتۇر ئۇكرائىنا خەلقىنى داۋاملىق قوللايدۇ» دېدى.

بايدىن ئۆز دۆلىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنى تەشكىللەش ئارقىلىق دۇنيا دېموكراتىيەسىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىمىز. ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەر بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئافرىقا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى بىلەن بىر سەپتە» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاينى چەتكە قاقمىغانلىقىنى ۋە ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىشقا ئوچۇق ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان پىرېزىدېنت بايدىن: «بۇ يىل بىز ئامېرىكانىڭ قولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى خىمىيەلىك قورالنى يوقاتتۇق. ئەمما، بىز شىمالىي كورېيە بىلەن ئىراننىڭ رايون ۋە دۇنياۋى تەھدىت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىمىز. بىز ئىراننىڭ قولىدا يادرو قورالى بولماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكرارلايمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر