ب د ت: سۈرىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈش خىزمىتىدىن خۇرسەنمىز

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس تۈركىيەنىڭ خاتاي ۋىلايىتىنىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدىكى جىلۋەگۆزۈ چېگرا ئېغىزىدىن سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

2039784
ب د ت: سۈرىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈش خىزمىتىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيەنىڭ خاتاي ۋىلايىتىنىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدىكى جىلۋەگۆزۈ چېگرا ئېغىزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقى، سۈرىيەدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە بولغان ئېھتىياجنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقى، باش كاتىپ گۇتېررېسنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «باش كاتىپ گۇتېررېس ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش ياردەملىرىنى تۈركىيەدىكى جىلۋەگۆزۈ چېگرا ئېغىزىدىن سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا يەتكۈزۈش خىزمىتىدىن ئىنتايىن خۇرسەن.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈنۈگۈن تەخمىنەن 2 يېرىم ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، جىلۋەگۆزۈ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىدلىب ۋىلايىتىگە 17 يۈك ئاپتوموبىللىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بەرگەنىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چېگرا ھالقىغان ياردەم مېخانىزمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 10-ئىيۇل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا ھېچقانداق ياردەم ئەۋەتلمىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر