ب د ت سۈرىيەگە 17 يۈك ئاپتوموبىلى ياردەم يوللىدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئارىدىن تەخمىنەن ئىككى يېرىم ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىگە 17 يۈك ماشىنىسى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈپ بەردى.
2039537
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ياردەم بۇيۇملىرى بېسىلغان 17 يۈك ماشىنىسى خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدىكى جىلۋەگۆزۈ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتتى.
ئىگىلىنىشىچە، ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ئىچىدە ئوقۇ – ئوقۇتۇش قوراللىرى، يېمەكلىك، تۇرالغۇ، ساغلاملىق ۋە تازىلىق بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بار ئىكەن.
ماشىنىلاردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ماتېرىياللىرى ئىدلىب شەھەر مەركىزى ۋە يېزىلاردىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىلىدىكەن.
ب د ت چېگرا ھالقىغان ياردەم مېخانىزمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 10- ئىيۇل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا ھېچقانداق ياردەم ئەۋەتىلەلمىگەنىدى.