خىتايدا بىر ئەمەلدار ئامېرىكاغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى

خىتايدا بىر مىنىستىرلىق ئەمەلدارىنىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) غا جاسۇسلۇق قىلىش گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2027473
خىتايدا بىر ئەمەلدار ئامېرىكاغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ئىستىخباراتقا مەسئۇل دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، فامىلىسى «خاۋ» ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان 39 ياشلىق بۇ ئەمەلدارنىڭ ياپونىيەدە ئۇقۇۋاتقان چېغىدىلا ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن «خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باياناتتا، ئۇنىڭ قايسى مىنىستىرلىقتا ئىشلەيدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى. ئۇنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيىەتلىرى بايقالغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، خاۋنىڭ ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان چېغىدا ۋىزاغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن توكيودىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا بارغاندا «تەد» ئىسىملىك بىر ​​ئامېرىكالىق ئوفىتسېر بىلەن تونۇشقانلىقى ۋە ئامېرىكالىق ئەمەلدارنىڭ تاماققا تەكلىپ قىلىش، ھەدىيە بېرىش ئارقىلىق خاۋ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى شۇنداقلا ئۇنىڭغا پۇل بېرىپ ماقالە يېزىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، تەدنىڭ  كېيىن خاۋنى خىزمەتدىشى «لى چۈن» ئىسىملىك تېگى خىتاي بىر كەسپدىشىغا تونۇشتۇرغانلىقى، ئاندىن ئىككىسى بىرلىكتە خىزمەت قىلغانلىقى، خاۋنىڭ ياپونىيەدىكى ئۇقۇشى تۈگەش ئالدىدا بولسا، لىچۈننىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ توكيو باشقارمىسىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، خاۋغا جاسۇسۇلۇقنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ۋە خىتاينىڭ مۇھىم ئورگانلىرىدا ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، خاۋنىڭ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ ئامېرىكا بىلەن «جاسۇسلۇق توختامنامىسى ئىمزالىغانلىقى»، تەكشۈرۈش ۋە ئېمتىھانلاردىن ئۆتۈشكە ماقۇل بولغانلىقى، خىتايغا قايتقىنىدا ئىسمى ئاشكارىلانمىغان مەزكۇر مىنىستىرلىقتا ئىشلەشكە باشلىغانلىقى، ئامېرىكاغا ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈپ، جاسۇسلۇق ئىش ھەققى ئالغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر