ئامېرىكا ئۇكرائىناغا دەرھال F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىشنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا دانىيە ۋە گوللاندىيەنىڭ قولىدىكى  F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچقۇچىلار زۆرۈر بولغان مەشىقنى تاماملىغاندىن كېيىن دەرھال ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىشىنى تەستىقلىدى.

2026732
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا دەرھال F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىشنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: بۇ قارار بىر يىلدىن بۇيان ئۇرۇش ئايروپىلانى تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇكرائىنادا قىزغىن قارشى ئېلىندى.

ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ ئامېرىكانىڭ بۇ قارارىنىڭ «ئېسىل خەۋەر» بولغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە بولسا،  بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئامېرىكا ياشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتېۋ مىللېر دانىيە ۋە گوللاندىيەگە كۆپ ئىقتىدارلىق F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ يۆتكىلىشى ئۈچۈن قانۇنىي كاپالەت بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتچى بۇ ئىشنىڭ «تۇنجى ئۇچقۇچى خادىملار مەشىقىنى تاماملىغان ھامان» ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋوپكې خوكسترا ئامېرىكانىڭ قارارىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ئۇكرائىنانىڭ خەلقىنى ۋە زېمىنىنى قوغدىشى ئۈچۈن مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ» دېدى.

خوكسترا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، بۇ قارارنى ياۋروپادىكى شېرىكلىرى بىلەنمۇ مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جاكوب ئېللېمان-جېنسېنمۇ ئوخشاش بايانات ئېلان قىلىپ، «ھۆكۈمەت كۆپ قېتىم ئىئانە قىلىشنىڭ مەشىقتىن كېيىن بولىدىغان تەبىئىي جەريان ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بىز ھازىر بۇنى يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر