ئىسرائىلىيە كۈچلىرى پەلەستىنلىك بىر بالىنى يارىلاندۇردى

ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا پەلەستىنلىك بىر بالىغا ئوق چىقىرىپ ئېغىر يارىلاندۇردى.

2026583
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى پەلەستىنلىك بىر بالىنى يارىلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپنىڭ يازما باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى شەرقىي قۇددۇسنىڭ سىلۋان مەھەللىسىدە ئۆزلىرىگە پارتلاتقۇچ ئاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بىر پەلەستىنلىككە ئوق چىقارغان.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە، پەلەستىنلىك 15 ياشلىق بالا ئېغىر يارىلانغان ۋە دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر