سەئۇدى ئەرەبىستاندا رۇسىيە – ئۇكرائىنا كىرىزىسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە «رۇسىيە-ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرى» ناملىق يىغىن چاقىرىلدى.

2021197
سەئۇدى ئەرەبىستاندا رۇسىيە – ئۇكرائىنا كىرىزىسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جىددە شەھىرىدە شەنبە كۈنى باشلىنىپ، ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملاشقان «رۇسىيە-ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرى» ناملىق يىغىندىن كېيىن، يېپىلىش باياننامەسى ئېلان قىلىنغان.

باياننامەدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جىددە شەھىرىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى مۇسائىد بىن مۇھەممەد ئەلئەيباننىڭ رىياسەتچىلىكىدە «رۇسىيە-ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرى» ناملىق يىغىن چاقىرىلغان.

 يىغىنغا 40 نەچچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.

باياننامەدە تەكىتلىنىشىچە، 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە چاقىرىلغان يىغىندا، تەرەپلەر «تىنچلىق چارىسى تېپىشقا زېمىن ھازىرلاپ بېرىدىغان ئورتاق پوزىتسىيە ئۈچۈن خەلقئارالىق  كېڭىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى» توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

يىغىنغا ساھىبخان دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستان، توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر  رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە، ئارگېنتىنا، ئاۋىستىرالىيە، بەھرەين، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بىرازىلىيە، بۇلغارىيە، خىتاي، چېخىيە، دانىيە، ھىندىنوزىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ھىندىستان، گوللاندىيە، ئەنگىلىيە، ئىسپانىيە، شىۋېيتسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، كانادا، قاتار، جەنۇبىي  كورېيە، كۇۋەيت، كوموروس، لاتۋىيە، لىتۋانىيە، مىسىر، نورۋېگىيە، پولشا، رۇمىنىيە ، سىلوۋاكىيە، ئىيوردانىيە ۋە چىلى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتنشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر