شمىگال: ئۇكرائىنا بۇ يىل (ھازىرغىچە) 28 مىليارد ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشتى

ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى دېنىس شىمىگال، ئۇكرائىنانىڭ بۇ يىلنىڭ ھازىرقى پەيتلىرىگىچە شېرىكلىرىنىڭ 28 مىليارد دوللار ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2020525
شمىگال: ئۇكرائىنا بۇ يىل (ھازىرغىچە) 28 مىليارد ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى شمىگال ھۆكۈمەت يىغىنىدىكى سۆزىدە، شېرىكلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ئىقتىسادىي ياردەملىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز بۇ يىلنىڭ ھازىرقى پەيتلىرىگىچە شېرىكلىرىمىزنىڭ 28 مىليارد دوللار ئىقتىسادىي ياردەىمىگە ئېرىشىپ بولدۇق؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 11 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق، ئامېرىكانىڭ 8 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ئىقتىسادىي ياردىمى بار» دېدى.

شمىگال دوست ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ: «ئۇكرائىناغا بېرىلگەن ھەر بىر دوللار بىزنىڭ ياۋروپادىكى سىجىللىقىمىز، غەلبىمىز، بىخەتەرلىكىمىز ۋە تىنچلىقىمىزغا سېلىنغان مەبلەغ ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ بارلىق ئىچكى بايلىقلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۇرۇشقا سەرپ قىلىنىپ بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، كارخانىلار بىلەن پۇقرالار تاپشۇرغان بارلىق باجلارنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

مەزكۇر ئېھتىياجلار ئۈچۈن نۆۋەتتە 1 تىرىليون 800 مىليارد گرىۋنا (تەخمىنەن 48 مىليارد 500 مىليون دوللار) ئاجراتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن شمىگال، بۇنىڭ تېخى ئاخىرقى سومما بولماسلىقى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر