ئەردوغان بىلەن پۇتىن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

2019308
ئەردوغان بىلەن پۇتىن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت پۇتىن تېلېفونلىشىپ، پۇتىننىڭ تۈركىيە زىيارىتى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئورمان ئوت ئاپىتىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە ئەۋەتكەن ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئۈچۈن، پۇتىنغا رەھمەت ئېيتقان ھەمدە رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى،  بۇ يىل (2023) نامايان قىلىنغان ئورتاق تىرىشچانلىقلار سايىسىدا، ساياھەتچىلىكتە رېكورتنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 2022- يىلى 24- فېۋرالدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ھالىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان قەدەملەرنى تاشلىماسلىقنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئىشارەت قىلغان ۋە «تىنچلىق كۆۋرۈكى» دەپ قارىلىۋاتقان قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

«قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى» نىڭ ئۇزۇن مۇددەت تاقىلىشىنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوقلۇقىنى، بۇ ئىشتا ئاشلىققا ئېھتىياجلىق كىرىمى تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ كۆپ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاشلىق كېلىشىمى مەزگىلىدە %23 تۆۋەنلىگەن دانلىق مەھسۇلاتلار باھاسىنىڭ كېلىشىم توڭلىتىپ قويۇلغان يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە %15 ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە دىپلوماتىك خىزمەت ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر