دانىيەدىكى تۆت دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشى قايتا سادىر قىلىندى

دانىيەدە تۈنۈگۈن (2023-يىلى 1-ئاۋغۇست) مۇ قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرى سادىر قىلىندى.

2019155
دانىيەدىكى تۆت دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشى قايتا سادىر قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلامغا قارشى ھەرىكەتلىرى بىلەن تونۇلغان ئاشقۇن مىللەتچى «DanskePatrioter  (دانىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى)» ناملىق گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى دانىيە پايتەختى كوپېنھاگېندىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى.

ئىسلامنى ھاقارەتلەيدىغان شوئارلارنى توۋلىغان گۇرۇپپا ئەزالىرى، قەبىھ قىلمىشلىرىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئادرېسلىرىدا بىۋاسىتە تارقاتتى.

دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لوككې راسمۇسسېن تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر كىتابنىمۇ كۆيدۈرگەن گۇرۇپپا ئەزالىرى، ئارقىدىن ئىراق، مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇملارنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە چاقىرىلغان دۈشەنبە (2023 – يىلى 31 – ئىيۇل) كۈنىدىكى 18- نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان ئەسنادا، شىۋېتسىيە بىلەن دانىيەدە قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرى سادىر قىلىنغانىدى.

دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لوككې راسمۇسسېنمۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلىتىنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ قارارلىرىنى نەزەرگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدىكى قويۇق سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرىمىز. دانىيە يېقىنقى مەزگىللەردىكى قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى ۋە ئۇ پىكىر ئەركىنلىكى دائىرىسىدىكى ئالاھىدە ئەھۋاللارغا ئارىلىشىش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.

شىۋېتسىيە بىلەن دانىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئەۋج ئېلىپ كەتكەن قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىشتەك قەبىھ قۇتراتقۇلۇقلارغا رۇخسەت قىلىشى نارازىلىق قوزغىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر