ئامېرىكا تەيۋەنگە ھەربىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەيۋەنگە 345 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردەم بېرىدۇ.

2017618
ئامېرىكا تەيۋەنگە ھەربىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەنگە مۇداپىئە لازىمەتلىكلىرى بىلەن بىرگە، ھەربىي تەلىم – تەربىيە ۋە مەشىقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 345 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گەرچە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) ياردەم بۇلىقىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما تەيۋەنگە بېرىلىدىغان بۇ ياردەمنىڭ خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغانلىقى قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ئامېرىكانىڭ نۇرغۇن پالاتا ئەزالىرى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلەتمەكتە ئىدى.

خىتاي ئۆزىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان تەيۋەن، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1949-يىلىدىن بۇيان ئەمەلىي مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن پەيدا بولغان بۆلۈنۈش ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.

بېيجىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىنى تەكىتلەپ، تەيۋەننىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن مۇستەقىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا شۇندقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ۋەكىل تۇرغۇزۇشىغا قارشى چىقىپ كەلمەكتە. ئۆزىنى  ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرگە تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلاشنى شەرت قوشۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر