ياۋروپا ئىتتىپاقى قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل شىۋىتسىيە ۋە دانىيەدە قۇرئان كەرىمگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتنىڭ دىنىي ئۆچمەنلىكنى قوزغايدىغانلىقىنى تەكەتلىدى.

2016707
ياۋروپا ئىتتىپاقى قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل شىۋىتسىيە ۋە دانىيەدە قۇرئان كەرىمگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، دىنىي ئۆچمەنلىكنى قوزغايدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتنى رەت قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

بوررېل قۇرئانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش ھەققىدىكى باياناتىدا، «ياۋروپادىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن مۇسۇلمانلارغا ئازار بەرگەن قىلمىشلىرىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەر خىل شەكىلدىكى دىنىي ئۆچمەنلىك ۋە چىدىماسلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىشنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىدىغانلىقىنى تەكرارلايدۇ» دېدى.

دىنىي جەمئىيەتلەرگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بوررېل، قۇرئانغا ياكى ھەر قانداق مۇقەددەس كىتابقا ھۆرمەت قىلماسلىقنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بوررېل ئىرقىي كەمسىتىش، چەتئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە چىدىماسلىقنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئورنى يوقلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «بىز دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا دىنىي ئەركىنلىك ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى داۋاملىق قوللايمىز. ئەمما قانۇنلۇق بولغان ھەممە نەرسە ئەخلاقىي بولمايدۇ. ھازىر ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە ھۆرمەت قىلىدىغان پەيتتۇر. ئىغۋاگەرلەرنىڭ بۇ قىلمىشلىرى پەقەت. بىزنى ۋە جەمئىيىتىمىزنى بۆلۈشكە ئۇرىنىۋاتقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر