سۈرىيە ئارمىيەسى ھەلەبكە ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى
سۈرىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ كەفەرنۇران يېزىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
2016593
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن ئىران ھىمايىسىدىكى چەت ئەل تېررورچىلىرىنىڭ ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ غەربىي چېتىدىكى كەفەرنۇران يېزىسىغا ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.