پاكىستان بىلەن ئامېرىكا  مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە

پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى شۇنداقلا قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئاسىم مۇنىر ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) نىڭ قوماندانى گېنېرال مايكىل ئېرىك كۇرىلا بىلەن رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرەلەشتى.

2015759
پاكىستان بىلەن ئامېرىكا  مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، گېنېرال مۇنىر پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىدا ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى گېنېرال مايكىل ئېرىك كۇرىلا بىلەن كۆرۈشكەن.

ئۇچرىشىشتا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئىككى تەرەپ پاكىستان بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنى قايتا تەكىتلىگەن.

كۇرىلا پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى مۇۋەپپەقىيىتى ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى شۇنداقلا مۇقىملىقى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىش، پاكىستاندا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۆچەيگەن بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتنى تارتماقتا.

پاكىستاندا بۇ يىل (2023) نىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى 2022-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %79 ئاشتى.

پاكىستان بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئافغانىستاننى بازا قىلغان پاكىستان تالىبانلىرى (TTP) تەرىپىدىن پىلانلىنىپ، قوماندانلىق قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئافغانىستان دائىرلىرى بولسا، بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر