ب د ت: مۇقەددەس كىتابلار ۋە ئورۇنلارغا بىھۆرمەتلىك قىلىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك مۇقەددەس كىتابلار ۋە جايلارغا بىھۆرمەتلىك قىلىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2014347
ب د ت: مۇقەددەس كىتابلار ۋە ئورۇنلارغا بىھۆرمەتلىك قىلىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇجاررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى شىۋېتسىيە ئەلچىخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىش ۋە شىۋېتسىيەدىكى قۇرئان كەرىمگە ھاقارەت قىلىش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدرۈپ: «بىزنىڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقىنىمىز ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش» دېدى.

ئۇ: «بىز ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، مۇقەددەس كىتابلار ۋە جايلارنى ھاقارەتلەشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق» دېدى ۋە بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كىشىلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇقلارغا ئالدىنىپ كەتمەسلىكىنىڭ موھىملىقىغا ئىشارەت قىلغان دۇجاررىك، ئىنسانلارنىڭ باشقىلارنىڭ دىنىغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە زوراۋانلىقتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر